ئالتۇن ئىسرائىلىيەنى مۇخبىرلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنى پۇقرالارنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىغا سەل قاراشنى توختىتىپ، مۇخبىرلارنى قوغداش ئۈچۈن كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى.

2055557
ئالتۇن ئىسرائىلىيەنى مۇخبىرلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فاھرەتتىن ئالتۇن ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، غەززەدە ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان 24 مۇخبىرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، نۇرغۇن مۇخبىرنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

توقۇنۇش رايونىدىكى باشقا پۇقرالار بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلارنىڭمۇ زەربە ئوبيېكتى قىلىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ قارا - قويۇق قەتل قىلىنىشىنى ئەيىبلىگەن ئالتۇن، مۇخبىرلارنىڭ پەقەت خىزمەتلىرىنى ئادا قىلىپ، خەۋەرلەرنى نەق مەيداندىن يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مۇخبىرلارغا قارىتىلغان ھەر قانداق زوراۋانلىقنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن فاھرەتتىن ئالتۇن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئۇلار بىزنىڭ ئۇرۇشنىڭ ۋەھشىيلىكىنى كۆرەلەيدىغان بىردىنبىر قانىلىمىز. بىز ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنى پۇقرالارنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىغا سەل قاراشنى توختىتىپ، مۇخبىرلارنى قوغداش ئۈچۈن، كۈچلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشقا چاقىرىمىز. پۇقرالارنىڭ مىللىتى ۋە ئېتنىك كېلىپ چىقىش مۇھىم ئەمەس، ئۇرۇش قىلىۋاتقان بارلىق تەرەپلەرنىڭ ئۇلارنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار. نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنىڭ پەقەت بىرلا نۇسخىسىنى تارقاتماقچى بولغانلار بولغانلار، مۇخبىرلارنىڭ تۇرمۇشىنى قولىدىن كېلىشىچە قىيىنلاشتۇرماقتا. بىز كۆپچىلىككە ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى ئادا قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ئىشنىڭ ئۇلارنى ھاياتلىرىنى قۇربان قىلىشقا ئېلىپ بارماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىمىز. مەن بۇ شىددەتلىك توقۇنۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلغان مۇخبىرلارنىڭ ئائىلە- تاۋابىئاتلىرى ۋە يېقىنلىرىدىن ھال سورايمەن. بىز پەقەت پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە نەق مەيداندىكى رېئاللىقنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىقلا تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر