ئەردوغان ۋىلادىمىر زېلېنسكىي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
2054069
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، تېلېفون سۆھبىتىدە رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن باشقا، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ۋە رايوندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىنى مۇزاكىرىلەشكەن.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەتتە، ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشى قاتارلىق رايوندىكى توقۇنۇشلارنى تىنچ يوللار بىلەن ھەل قىلىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى ۋە تۈركىيەنىڭ بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك تىرىشىچانلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.