فىدان ئىران، ئىراق ۋە ئارگېنتىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇئاد ھۇسەيىن ۋە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۇسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان بىلەن كۆرۈشتى.

2053168
فىدان ئىران، ئىراق ۋە ئارگېنتىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى
Fidan-Abdullahiyan.jpg
Fuad Huseyin-Hakan Fidan.jpg

تۈركىيە  ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى <X>  تىكى ئادرېسىدا، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىشىتراكقا ئوچۇق ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن تۈنۈگۈن جىددەگە بارغان مىنىستىر فىداننىڭ ئۇچرىشىشلىرى توغرىسىدا ئۇچۇرلارنى ھەمبەھرىلىدى.

ئۇچۇرلاردا مىنىستىر فىداننىڭ ئىراقلىق مەنسەپدىشى ھۇسەيىن ۋە ئىرانلىق مەنسەپدىشى ئابدۇللاھىيان بىلەن كۆرۈشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، مىنىستىر فىدان ئارگېنتىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سانتىياگو كافىئېرو بىلەنمۇ تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىندىكى ئۆزگىرىشلەر بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى توغرىسىدا سۆزلەشكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر