كوجا: غەززەگە سەھىيە خىزمىتى سۇنۇشقا تەييارمىز

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا تۈركىيەنىڭ غەززەگە پاراخوت دوختۇرخانىسى ئەۋەتىشكە، رەفاھ چېگرا ئېغىزىغا يېقىن جايغا ياكى غەززەگە دالا دوختۇرخانىسى قۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2052405
كوجا: غەززەگە سەھىيە خىزمىتى سۇنۇشقا تەييارمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا ئېكس (X) ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىرلىقنىڭ غەززەگە سەھىيە خىزمىتى سۇنۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى ۋە بۇ دائىرىدە خەلقئارالىق سەھىيە تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇچرىشىشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

غەززەدىكى ئەلئەھلى باپتىست دوختۇرخانىسىغا قىلىنغان ئىنسانىيەتكە خىلاپ ھۇجۇمدىن كېيىن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەسئۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن تېلېفون دىپلوماتىيەسى قانات يايدۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن فاھرەتتىن كوجا، كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ئىدارىلەرنى ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا ۋە سەۋەبى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھۇجۇم نىشانى قىلىشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى پىكرىنىڭ، كۆرۈشۈشلەردە مۇھىم نۇقتا بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، رايونغا پاراخوت دوختۇرخانىسى ئەۋەتىشكە، رەفاھ چېگرا ئېغىزىغا يېقىن جايغا ياكى غەززەگە دالا دوختۇرخانىسى قۇرۇشقا؛ پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزغا بۇلار ئارقىلىق سەھىيە خىزمىتى سۇنۇپ، بۇ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا تەييارمىز» دېدى.

ئۇ: «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپا رايونى دىرېكتورى خانس كلۇگ بىلەن كۆرۈشكەندە، بۇ خىزمەتلەرنى قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان ئەھۋالدا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىمىزنى، كۆرۈشۈشلەردە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭمۇ بۇ مەسىلىدە تارىخىي مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدىم» دېدى.

ئۇ ئاخىرىدا، ھەر خىل دىپلوماتىك قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، تۈركىيەنىڭ بوۋاقلارغا، كىچىك بالىلارغا، ياشانغان ۋە بىگۇناھ كىشىلەرگە ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر