ئەردوغان ئەنگىلىيە  باش ۋەزىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناك بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2051598
ئەردوغان ئەنگىلىيە  باش ۋەزىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناك بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىسرائىلىيە – پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتى، رايوندا تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن يولغا قويۇشقا تېگىشلىك سىياسەتلەر ۋە ئېغىر ئىنسانىي كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قوللىنىشقا تېگىشلىك تەدبىرلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تېلېفون سۆھبىتى يىغىن جەريانىدا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ غەززەدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەكلىكىنى، كىرىزىسنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدىغان قەدىملەرنى تاشلاشنىڭ ئورنىغا، كۆپ يىللاردىن بۇيان پەلەستىنگە بېرىلگەن ۋەدىلەرگە ئەمەل قىلىنىشىنى ھەم بۇنى ئەستە تۇتۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قاسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغانىدى. غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە مىڭلىغان راكېتامىيوت ئېتىلغان، قوراللىق گۇرۇپپىلارمۇ رايوندىكى ئولتۇراق رايونلارغا كىرگەنىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بولسا، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە شەھىرىگە «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» قوزغىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا ھەر ئىككى تەرەپتىن مىڭلارچە كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر