گۈلەر: مەقسىتىمىز ئىسرائىلىيە - پەلەستىن توقۇنۇشىغا كېچىكمەستىن خاتىمە بېرىشنى قولغا كەلتۈرۈش

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر، تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ ئىسرائىلىيە- پەلەستىن توقۇنۇشىغا پۇرسەتنى قولدىن بەرمەستىن خاتىمە بېرىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2050613
گۈلەر: مەقسىتىمىز ئىسرائىلىيە - پەلەستىن توقۇنۇشىغا كېچىكمەستىن خاتىمە بېرىشنى قولغا كەلتۈرۈش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۈلەر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان بىريۇسسېلدا، تۈرك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈپ، سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ ئىسرائىلىيە- پەلەستىن توقۇنۇشىغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بېرىش جەريانىدا، مۇداپىئە يىغىنى دائىرىسىدە، ناتونىڭ «ئاق دېڭىز دىيالوگى ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان ئىسرائىلىيەنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گالانتمۇ سىن كۆرۈنۈشلۈك ئىشتىراك قىلغان ئايرىم بىر يىغىننىڭمۇ ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ ھەم ئۆز رايونىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى، ھەم ئۆز رايونىدىكى بارلىق ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشلارغا مۇناسىۋەتلىك مەيدانىنىڭ ناھايىتى ئېنىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان مىنىستىر گۈلەر: «بىز پۇقرالارغا قارىتىلغان ھەر خىل ھەرىكەتلەرنى ۋە پۇقرالار ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا زەربە بېرىدىغان ھەر خىل ھۇجۇملارنى ئەيىبلەيمىز. بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئاساسلىق مەقسىتىمىز، تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، غەززەدىكى توقۇنۇشلارنىڭ باشقا رايونلارغا يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىنىشى، ئەلۋەتتە، توقۇنۇشلارنىڭ كېچىكمەستىن ئاخىرلىشىشىدۇر. تېزدىن تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ باشلىنىشى، خەلقئارا جەمئىيەتمۇ  قوللاۋاتقان ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى رامكىسى ئىچىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنىشى كېرەك. مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئورنىتىشنىڭ بىردىنبىر يولى بۇدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر