مىنىستىر گۈلەر ناتو مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بىريۇسسېلغا يېتىپ باردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن تۈنۈگۈن بېلگيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلغا كەتتى.

2049323
مىنىستىر گۈلەر ناتو مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بىريۇسسېلغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەرنى مېلسبروئېك ئايرۇدورومىدا تۈركىيەنىڭ ناتودا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى، باش ئەلچى زەكى لەۋەنت گۈمرۈكچۈ، تۈركىيەنىڭ بىريۇسسېلدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بەكىر ئۇيسال، تۈركىيەنىڭ ناتو قىسىملىرى باشلىقى لېيتېنانت گېنېرال گۆكسەل كاھيا ۋە بېلگىيەلىك ئەمەلدارلار كۈتۈۋالدى.

بۈگۈن ناتو باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن ئىشتىراك قىلىدىغان مىنىستىر گۈلەر، يىغىن جەريانىدا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىدار ئەمەلدارلىرى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر