ئىراق بىلەن تۈركىيە داۋاملىق سۆھبەت ئۆتكۈزمەكتە

ئىراق باش مىنىستىرى مۇھەممەد شىيا ئەسسۇدانى ئىراق بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئىران بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئوخشاش تۈركىيە بىلەنمۇ بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالىنىشى ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

2048914
ئىراق بىلەن تۈركىيە داۋاملىق سۆھبەت ئۆتكۈزمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ «‹ئەسساباھ› گېزىتى» ئىراق باش مىنىستىرى مۇھەممەد شىيا ئەسسۇدانىنىڭ رۇسىيە زىيارىتى ھارپىسىدا سپۇتنىكنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىنى ئېلان قىلدى.

ئەسسۇدانى باياناتىدا، ئىران بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئوخشاش تۈركىيە بىلەنمۇ بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالىنىپ ئىمزالانمايدىغانلىقىغا دائىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق  دېدى:

«بىزنىڭ قوشنىمىز تۈركىيە بىلەن چوڭقۇر تارىخىي مۇناسىۋەتلىرىمىز بار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈركىيە بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭدۇر. بىخەتەرلىك مەسىلىسى قاتارلىق ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بارلىق ئورتاق مەسىلىلەر ۋە مۇناسىۋەتلەر ئۈستىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۆھبەتلىرىمىز داۋاملاشماقتا. بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىگە قارشى كۈرەش ئۈچۈن كونكرېت مېخانىزم ئورنىتىش يولىدا تۈركىيە دائىرىلىرى بىلەن داۋاملىق ئالاقە ئورنىتىۋاتىمىز.»

ئىراق ھۆكۈمىتى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى تېھران بىلەن ئىمزالانغان بىخەتەرلىك كېلىشىمىگە ئاساسەن، 19-سېنتەبىردىن باشلاپ ئىرانغا قارشى ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنىڭ قورالسىزلاندۇرۇلۇپ، چېگرادىن يىراق رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر