ئەردوغان: ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىدە مۇرەسسەچىلىك قىلىشقا تەييارمىز

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرەپلەر تەلەپ قىلغان تەقدىردە ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىدە ھەر تۈرلۈك مۇرەسسەچىلىك قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

2048539
ئەردوغان: ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىدە مۇرەسسەچىلىك قىلىشقا تەييارمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن (9-ئۆكتەبىر) كەچتە ئېچىلغان ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «1967-يىلقى چېگرا لىنىيەلىرىگە ئاساسەن، پايتەختى قۇددۇس بولغان، جۇغراپىيەلىك پۈتۈنلۈككە ئىگە، مۇستەقىل، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بىر پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلمىسا، رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورناتقىلى بولمايدۇ.»

«بىز ئەزەلدىن نە ئىسرائىلىيە تېررىتورىيەسىدە، نە پەلەستىن تېررىتورىيەسىدە ھېچقانداق بىگۇناھ كىشىنىڭ بۇرنىنىڭ قانىشىغىمۇ رازى ئەمەسمىز، بۇ ھەقتىكى پوزىتسىيەمىزنى ھەر دائىم ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتىمىز، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىمىز، ئەلۋەتتە.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تەرەپلەرگە «ئۇرۇشنىڭ پىرىنسىپلىرى ۋە ئەخلاقى» بارلىقىنى ھەمىشە خاتىرىلىتىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«غەززە رايونىنىڭ ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ھۇجۇملىرى ئارقىلىق يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلىشى، جامەلەرنىڭ بومباردىمان قىلىنىشى، بىگۇناھ بالىلار، ئاياللار، ياشانغانلار ۋە پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ئادىل تىنچلىقنىڭ مەغلۇب بولغۇچىسى بولمايدۇ. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئەگەر تەرەپلەر تەلەپ قىلسا، بىز ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر تۈرلۈك مۇرەسسەلىك قىلىشقا تەييارمىز. ئىسرائىلىيەدىن پەلەستىن زېمىنلىرىنى بومباردىمان قىلىشىنى توختىتىشنى، پەلەستىنلىكلەردىنمۇ ئىسرائىلىيەدىكى پۇقرالار ئولتۇراق رايونلىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇملىرىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز. غەززە خەلقىنى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەۋاتىمىز.»

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قەسسام قىسىملىرى شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغانىدى. غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە مىڭلىغان راكېتامىيوت ئېتىلغان، قوراللىق گۇرۇپپىلارمۇ رايوندىكى ئولتۇراق رايونلارغا كىرگەنىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بولسا، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە شەھىرىگە «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» قوزغىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا ھەر ئىككى تەرەپتىن يۈزلىگەن كىشى ئۆلۈپ كەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر