فىدان تاجانى بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئىتالىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىئو تاجانى بىلەن تېلېفونلاشتى.

2048835
فىدان تاجانى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، مىنىستىر فىدان ئىتالىيەلىك مەنسەپدىشى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفونلىشىپ، ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىندە داۋام قىلىۋاتقان ۋەقەلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماس ھەربىي قانىتى بولغان «قەسسام بىرىگادىسى» شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە قارىتىپ مىڭلارچە راكېتامىيوت ئاتقان ۋە قوراللىق گۇرۇپپىلار رايوندىكى ئاھالىلەر رايونلىرىغا باستۇرۇپ كىرگەنىدى.

ئارقىدىن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززەگە قارشى «تۆمۈر قىلىچلار» ھەرىكىتىنى قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇش جەريانىدا ئىككى تەرەپتىن يۈزلەرچە كىشى تالاپەتكە ئۇچرىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر