يىلماز ئۈستئەل بىلەن كۆرۈشۈپ، قىبرىس مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى جەۋدەت يىلماز شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئۈنال ئۈستئەل بىلەن كۆرۈشتى.

2047491
يىلماز ئۈستئەل بىلەن كۆرۈشۈپ، قىبرىس مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ئەنقەرەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئايرىم ئۇچرىشىشتا، ئىقتىسادىي ۋە پۇل-مۇئامىلە ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ تەپسىلاتى، تۈركىيەدىن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە يەتكۈزۈلۈۋاتقان «ھاياتلىق سۈيى»نىڭ ئۆي - ماكانلاردىن كېيىن، دېھقانچىلىق ساھەسىگىمۇ كېڭەيتىلىشى، يېڭى ئەرجان ئايرودۇرۇمىنىڭ يولۇچى سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرۇش خىزمەتلىرى، تۈركىيەدىن سۇ ئاستى تۇرۇبا يولى ئارقىلىق توك يەتكۈزۈش ۋە ئۇنىڭ ئۆزئارا ئۇلىنىش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلۈشى شۇنداقلا داۋاملىشىۋاتقان تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

سۆھبەت جەريانىدا، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ بەش يىللىق تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا بىرلەشتۈرۈپ، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك تەرەققىيات قەدەملىرىنى بېكىتىشى مەسىلىسىدە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆز تەجرىبىلىرىنى ئورتاقلىشىشى بىلەن، مائارىپ، ساغلاملىق ۋە رايونغا مۇناسىۋەتلىك سىياسىي جۇغراپىيەلىك مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر