تۈركىيە: قوراللىق ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ھەربىي ھەرىكەتكە تەسىر كۆرسەتمىدى

تۈركىيە سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا بىر قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنىڭ پ ك ك / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسەتمىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

2047373
تۈركىيە: قوراللىق ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ھەربىي ھەرىكەتكە تەسىر كۆرسەتمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، 2023- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى (پايتەخت ئەنقەرەدە) يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن، پ ك ك / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئىراق ۋە سۈرىيەدە كەڭ دائىرىلىك زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، تۈنۈگۈن (5- ئۆكتەبىر) بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تەل رىفات، جىزرە ۋە دەرىك رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جايلىرىدىكى نۇرغۇن ئورۇنلىرىنىڭ بىتچىت قىلىپ تاشلانغانلىقى تەكىتلەندى.

مەشغۇلات جەريانىدا، بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئۈچىنچى تەرەپلەر بىلەن توقۇنۇشماسلىق مېخانىزمىدىكى ئوخشىمىغان تېخنىكىلىق باھالاشلار سەۋەبىدىن بىر قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ يوقىتىپ قويۇلغانلىقى، ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن توقۇنۇشماسلىق مېخانىزمىنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشى ئۈچۈن، زۆرۈر تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا: «مەزكۇر ۋەقە داۋاملىشىۋاتقان ھەرىكەتنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ۋە بېكىتىلگەن نىشانلارغا زەربە بېرىشكە ھەر قانداق شەكىلدە تەسىر كۆرسەتمىدى. ئىراقتا ئېلىپ بېرىلغانغا ئوخشاش، تېررورلۇق تەشكىلاتى سۈرىيەدە تەرەققىي قىلدۇرغان بارلىق ئىقتىدار ۋە كىرىم مەنبەلىرى سىستېمىلىق ھالدا يوقىتىلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر