ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا، خاقۇرق، گارا، قەندىل ۋە ئاسوس رايونلىرىدىكى تېررورلۇق نىشانلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھەرىكەتلىرىدە 22 نىشان ۋەيران قىلىندى، نۇرغۇن تېررورچىلار بىر تەرەپ قىلىندى.

2046450
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى:

«بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك ۋە باشقا تېررورچىلارنى  يوقىتىپ، ئىراقنىڭ  شىمالىدىن تۈركىيە خەلقىگە، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە قارىتىلغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى  بىر تەرەپ قىلىش، چېگرا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 51-ماددىسىدىكى ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىغا ئاساسەن، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا، خاقۇرق، گارا، قەندىل ۋە ئاسوس رايونلىرىدىكى تېررورلۇق نىشانلىرىغا ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 19.00 دا ھاۋا ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىلدى.»

«ھاۋا ھەرىكەتلىرى داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك تېررورچىلىرى پايدىلىنىۋاتقان، ئىچىدە تېررورچىلارنىڭ كاتتىباشلىرىمۇ بار بولغان غار، پاناھ جاي ۋە قورال - ياراغ ئىسكىلاتلىرىدىن تەشكىل تاپقان 22 نىشان يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلدى، ئوق – دورىلار ۋەيران قىلىندى، نۇرغۇن تېررورچىلار  بىر تەرەپ قىلىندى.»

 «ئەزىز خەلقىمىزنىڭ باغرىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن قەھرىمان قىسىملىرىمىز ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا بۈگۈنكى كۈندىمۇ دۆلىتىمىزنىڭ، خەلقىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن كۈرەش قىلماقتا، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تاكى ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى يوقىتىلغانغا قەدەر ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىدۇ. ھاۋا ھەرىكەتلىرى داۋامىدا تۈرلۈك تەدبىرلەر قوللىنىلىپ، مەسۇم پۇقرالار، دوستانە دۆلەت ئىراقنىڭ قوراللىق قىسىملىرى، مەدەنىيەت – سەنئەت يادىكارلىقلىرى ۋە مۇھىتنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدى ئېلىندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر