ئەنقەرەدىكى ھۇجۇمنى سادىر قىلغان ئىككىنچى تېررورچىنىڭمۇ كىملىكى ئېنىقلاندى

پايتەخت ئەنقەرەدىكى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسى ئالدىدا بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى پەيدا قىلغان تېررورچىلارنىڭ ئىككىنچىسنىڭ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ك ج ك ئەزاسى ئۆزكان شاھىن ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

2045883
ئەنقەرەدىكى ھۇجۇمنى سادىر قىلغان ئىككىنچى تېررورچىنىڭمۇ كىملىكى ئېنىقلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، 1 – ئۆكتەبىر (2023) يەكشەنبە كۈنى ئىككى تېررورچى تەرىپىدىن  مىنىستىرلىق بىناسى ئالدىدا سادىر قىلىنغان خائىنلارچە ھۇجۇمنىڭ قەھرىمان ساقچىلارنىڭ دەرھال زەربە بېرىشى نەتىجىسىدە ئالدىنىڭ ئېلىنىپ، تېررورچىلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىپ ئۆتۈلدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈشلەر ۋە DNA ئانالىزى نەتىجىسىدە، تېررورچىلاردىن بىرىنىڭ پ ك ك / ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى «كانىۋار ئەردال»  يالغان ئىسىملىك ھاسان ئوغۇز ئىكەنلىكىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، ھۇجۇمنى سادىر قىلغان ئىككىنچى تېررورچىنىڭ پ ك ك / ك ج ك ئەزاسى ئۆزكان شاھىن ئىكەنلىكىنىڭ جەزملەشتۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا: «بىخەتەرلىك قىسىملىرىمىزنىڭ تەكشۈرۈشلىرى داۋاملاشماقتا. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىمىز ئاخىرقى تېررورچى يوقىتىلغىچە قەتئىيلىك بىلەن داۋام قىلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر