تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى پ ك ك غا ئەجەللىك زەربە بەردى

تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش سۈرىيە جامائەت تەرتىپىنى قوغداش ئىشلىرى مەسئۇلى مۇزدەلىف تاشقىننى  بىر تەرەپ قىلدى.

2044996
تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى پ ك ك غا ئەجەللىك زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى كۆپ ساندا تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش سۈرىيە جامائەت تەرتىپىنى قوغداش ئىشلىرى مەسئۇلى مۇزدەلىف تاشقىننى نازارەت ئاستىغا ئالغان.

تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى خادىملىرى كۆزىتىش جەريانىدا مۇزدەلىف تاشقىننىڭ ئىراقتىن سۈرىيەگە ئۆتكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان، ئاندىن شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە، سۈرىيەنىڭ قامىشلى رايونىدا ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا ئۇنى بىر تەرەپ قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، تېررورچى تاشقىن 2007-يىلقى 12 ئەسكەر شېھىت بولۇپ كەتكەن داغلىجا تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ پىلانلىغۇچىسى ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر