لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرى تۈركىيەنى قوللاپ بايانات ئېلان قىلدى

لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرى پايتەخت ئەنقەرەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

2044896
لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرى تۈركىيەنى قوللاپ بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولومبىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېكس (X) ئادرېسىدا: «كولومبىيە پايتەخت ئەنقەرەدە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ» دەپ بايانات ئېلان قىلدى.

ئېكۋادور تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ ئېكس ئادرېسىدا تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى ۋە يارىدارلارغا شىپالىق تىلىدى.

پېرۇ ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنقەرەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. باياناتتا، تۈركىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتى بىلەن «چوڭقۇر» ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

سالۋادور ھۆكۈمىتىمۇ ئەنقەرەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ، تۈركىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پاراگۋاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە ئەنقەرەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا مۇنداق بايانات ئېلان قىلدى:

 «پاراگۋاي ھۆكۈمىتى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە تۈنۈگۈن (1-ئۆكتەبىر) ئەتىگەن يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز.»

بىرازىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىنتېرنېت سەھپىسىدە، ئىككى ساقچى يارىلانغان تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدىكى خەۋەردىن چوڭقۇر قايغۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ ھەقتىكى باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«بىرازىلىيە تۈركىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. سەۋەبى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر قانداق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى كەسكىن رەت قىلىدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىمىز.»

گىۋاتېمالا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېكس ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرۈشنى خالايمىز، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز.»

مېكسىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى: «مېكسىكا ئەنقەرەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەيدۇ، تۈركىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىمىز، ھۇجۇمدا يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز» دەپ بايانات ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر