تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى بۈگۈن ئېچىلىدۇ

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) نىڭ يېڭى قانۇن چىقىرىش باسقۇچى بۈگۈن باشلىنىدۇ.

2044583
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى بۈگۈن ئېچىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ بۈگۈنكى ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرىدىن بىرىنى يېڭى ۋە پۇقرالار ئاساسىي قانۇنى تەشكىل قىلىدۇ.

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ چېگرا ھالقىپ ۋەزىپە ئۆتۈشىگە مۇناسىۋەتلىك قارارنامەلەرمۇ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە ئاۋازغا قويۇلىدۇ. تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ پائالىيەتلىرى ئوتتۇرا شەرقتىن ئافرىقاغىچە بولغان نۇرغۇن رايونلاردا داۋام قىلىدۇ.

2024-يىللىق خامچوت خىزمىتىمۇ ئۆكتەبىردە باشلىنىدۇ.

خامچوت لايىھەسى 17-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيە بۈيۈك دۆلەت مەجلىسىگە سۇنۇلىدۇ.

خامچوت كومىتېتى مۇزاكىرىلىرى نويابىر ئېيىدا باشلىنىپ، يىل ئاخىرىغىچە تاماملىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر