جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

2044572
جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىقايا بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، پايتەخت ئەنقەرەدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا يېنىك سودا ئاپتوموبىلى بىلەن كەلگەن ئىككى تېررورچىنىڭ بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقىنى، ۋەقە جەريانىدا ئىككى ساقچىنىڭ يېنىك يارىلانغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىككى تېررورچىدىن بىرى ئۆزىنى پارتلاتتى، يەنە بىرى  ئۇجۇقتۇرۇلدى.»

ئىگىلىنىشىچە، ئەنقەرە باش تەپتىش مەھكىمىسى ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر