ئەردوغان مەملىكەتكە قايتىش سەپىرىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى، ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى خالايدىغان بارلىق دۆلەتلەر ئۈچۈن ئەڭ توغرا تاللاش» دېدى.

2042570
ئەردوغان مەملىكەتكە قايتىش سەپىرىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان نەھچىۋان زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەملىكەتكە قايتىش سەپىرىدە ئايروپىلاندا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ 3-نويابىر (2023) دا تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنى، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇ يىغىنغا كۆزەتكۈچى ئەزا سالاھىيىتىدە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى، قىبرىس ئارىلىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى خالايدىغان بارلىق دۆلەتلەر ئۈچۈن ئەڭ توغرا تاللاش ھېسابلىنىدۇ. يىللار بويىچە ئۇ يەردىكى تۈرك مەۋجۇتلۇقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا ئۇرۇنغانلارنىڭ سىنىمىغان يولى قالمىدى. ئەمما، باسقان ھەر بىر قەدىمى ئاساسسىز بولغاچقا، نەتىجىسى ئۈمىدسىزلىك بىلەن ئاخىرلاشتى. ھېچكىم بىزدىن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشىمىزنى ۋە خىلاپلىق قىلىشلارغا كۆزىمىزنى يۇمۇشىمىزنى كۈتمىسۇن» دېدى.

ئۇ ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇنىڭ ئۆكتەبىر ياكى نويابىردا تۈركىيەنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مۇۋاپىق ۋاقىتتا، بۇ زىيارەتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇچرىشىشلار داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بىزمۇ ئىسىرائىلىيەدە جاۋاب زىيارىتىدە بولىمىز. ئىسىرائىلىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن ساھەلەردە ھەمكارلىقى بار. يېڭى ھەمكارلىق ساھەلىرىنىڭ بارلىقىمۇ بىر ئەمەلىيەت.  بولۇپمۇ، ياۋروپا، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ۋەزىيەتنىڭ تەسىرىدە سىجىل ئېنېرگىيە مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. مەلۇم بولغىنىدەك، ئىسىرائىلىيە تەبىئىي گازىنى ياۋروپاغا يەتكۈزۈش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. تۈركىيە ئارقىلىق بۇ بايلىقلارنى ياۋروپاغا يەتكۈزۈش، ئەڭ مۇۋاپىق يول. بۇ توغرىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، مۇزاكىرەلىرىمىزنى باشلىدۇق. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلىق سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا يوليورۇق بەردۇق. ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈركىيەدە ياكى ئىسىرائىلىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇزاكىرەلەردە لىنيە، ۋاقتى ۋە بۇرغىلاش رايونلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلارنى ئايدىڭلاشتۇرىمىز» دېدى.

ئۇ زەنگەزۇر ۋە لاچىن كارىدورى توغرىسىدا توختىلىپ: «بۇ جايلارنى تىنچلىق كارىدورىغا ئايلاندۇرۇپ ئېچىشنى ئۈمىد قىلىمىز. تېخىچە ئۇرۇش ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان  بىر كارىدورنى خىيال قىلىش ئەقىلگە سىغمايدۇ. ئەمدى خوجالى بىلەن قاراباغ ئۈچۈنمۇ ئەزەربەيجاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئاستىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلدى. ئەرمېنىيەنىڭ ۋەزىپىسى بولسا، خاتىرجەملىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىنچلىقنى قوللاشتۇر.»

ئۇ ئاخىرىدا شىۋېتسىيەنىڭ نرتوغا ئەزا بولۇشى ئۈستىدە توختالدى ۋە مۇنداق دېدى:

 «ئۇلار ۋەدىسىگە ئەمەل قىلسا، بىزنىڭ پارلامېنتىمىزمۇ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدۇ، شۇنىڭغا قارىتا ئىش كۆرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر