ئەردوغان ئەتە نەھچىۋاندا زىيارەتتە بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئەتە نەھچىۋاندا بىر كۈنلۈك خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ.

2041434
ئەردوغان ئەتە نەھچىۋاندا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ نەھچىۋاندا كۆرۈشۈپ، تۈركىيە- ئەزەربەيجان مۇناسىۋىتى، قاراباغنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، ھەمدە رايون ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن.

ئىلگىلىنىشىچە، ئەردوغان بىلەن ئەلىيېۋ ئىغدىر - نەھچىۋان تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنىڭ ئۇل سېلىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇلغان نەھچىۋان ھەربىي رايونىنىڭ لىنتا كېسىش مۇراسىملىرىغا ئىشتىراك قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر