قۇرتۇلمۇش گوللاندىيەدىكى قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇش تۈركىيەنىڭ لاھەيدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا قۇرئان كەرىمگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى.

2041415
قۇرتۇلمۇش گوللاندىيەدىكى قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى قۇرتۇلمۇش ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى:

«مەن ئىسلام دۈشمىنى بىر فاشىستنىڭ تۈركىيەنىڭ لاھەيدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئان كەرىمگە قارشى سادىر قىلغان قەبىھ قىلمىشىنى نەپرەتلەنگەن ھالدا ئەيىبلەيمەن. دېموكراتىيە، باراۋەرلىك، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەتلەرگە ھۆرمەت قىلىش قاتارلىق ياۋروپانى بىر يەرگە جەم قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان پىرىنسىپلارنىڭ، ئەمەلىيەتتە ئىش ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاندا، نەزەردىن ساقىت قىلىنغانلىقىنى، بۇ خىل ئىغۋاگەر قىلمىشلارغا قارىتا غەرب ئەللىرىنىڭ ھەر دائىمقىغا ئوخشاشلا سۈكۈت قىلىشىنى يەنە بىر قېتىم چۈشىنىۋاتىمىز. بۇ ئەھۋال ياۋروپانىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن نومۇس ۋە ئەندىشە قىلارلىق بىر ئىشتۇر.

تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز بۇ قەبىھ قىلمىشلارغا قارشى تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز.  بىزنىڭ مەنىۋى قىممەتلىرىمىزنى، ياۋروپادىكى يۇرتداشلىرىمىزنى، دىنداشلىرىمىزنى ياۋروپانىڭ كۆزلىرى ئالدىدا كۈچىيىۋاتقان فاشىزم ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكىدىن قوغداش ئىرادىمىز قەتئىي. ئۇلارنىڭ نېمىلەرنى قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئىنسانىيەت غەلىبە قىلىدۇ، قۇرئاننىڭ نۇرى قىيامەت قايىم بولغۇچە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە يېتەكچى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ».



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر