سۈرىيەنىڭ  شىمالىدا بەش تېررورچى  بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ  شىمالىدا ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى بەش تېررورچى  بىر تەرەپ قىلىندى.

2039959
سۈرىيەنىڭ  شىمالىدا بەش تېررورچى  بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، تېررورچىلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تەشەببۇسلىرىنىڭ جاۋابسىز قالمىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «سۈرىيەنىڭ  شىمالىدىكى ‹فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ھۇزۇر ۋە بىخەتەرلىك مۇھىتىنى بۇزۇش مەقسىتىدە تاجاۋۇزچىلىق تەشەببۇسىدا بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى بەش تېررورچى قەھرىمان قىسىملىرىمىز تەرىپىدىن  بىر تەرەپ قىلىندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر