ھەسەنوۋ گۈلەر بىلەن تېلېفونلاشتى

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى زاكىر ھەسەنوۋ تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2039420
ھەسەنوۋ گۈلەر بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، مىنىستىر ھەسەنوۋ تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

تېلېفون سۆھبىتىدە، ھەسەنوۋ گۈلەرگە ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ قاراباغدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر تۈركىيەنىڭ ھەر دائىمىغا ئوخشاشلا بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئەزەربەيجاننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قاراباغدا ئاساسىي قانۇن تۈزۈمىنى قايتىدىن ئورنىتىش، ئەرمېنىيە قوراللىق قىسىملىرىنى قورالسىزلاندۇرۇش ھەم ئۇلارنى ئەزەربەيجان زېمىنىدىن چىقىرىۋېتىش مەقسىتىدە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر