«كاۋكاز رايونىنىڭ مۇقىملىقىغا ئەھمىيەت بېرىۋاتىمىز»

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر كاۋكاز رايونىنىڭ مۇقىملىقىغا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

2038147
«كاۋكاز رايونىنىڭ مۇقىملىقىغا ئەھمىيەت بېرىۋاتىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر «19 – سېنتەبىر  غازىلار كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن پايتەخت ئەنقەرەدە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇقتا دۆلەتنى قوغداش پائالىيەتلىرىنى كەسكىن داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مىللىي مەسىلىمىز بولغان قىبرىستىمۇ كاپالەتچى ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەت كېلىشىملىرىگە ئاساسەن قىبرىسلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قانۇنىي ھەق – ھوقۇقلىرى ۋە مەنپەئەتلىرىنى قوغداش كۈرىشىنى قوللاۋاتىمىز. قىبرىسلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، ھوقۇقتا باراۋەرلىكى ۋە خەلقئارالىق ئورنىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى، بىز ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئامىللاردۇر.»

گۈلەر كاۋكاز رايونىنىڭ مۇقىملىقىغىمۇ ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز رايوندا دەرھال ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن ناھايىتى زور كۈچ چىقىرىۋاتىمىز، قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننى <ئىككى دۆلەت، بىر مىللەت» ئېڭى ئاساسىدا داۋاملىق قوللايمىز.»

«يەنە بىر تەرەپتىن، جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ رىياسەتچىلىكىدە يولغا قويۇلغان ھەم ئاشلىق كرىزىسىنى ھەل قىلىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان قارادېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىجابىي تەشەببۇسلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. بىزنىڭ بىردىنبىر ئۈمىدىمىز، مۇناسىپ چارە – تەدبىرلەر ئارقىلىق بۇ كېلىشىمنى قايتا يولغا قويۇپ، ئىككى قوشنىمىز (رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا) ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئۇرۇشنى تېزدىن ئاخىرلاشتۇرۇشتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر