ئەردوغان: پىكىرى بارلار ئورتاقلاشسۇن، تەنقىدى بارلار ئوتتۇرىغا قويسۇن...
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «تۈركىيە مائارىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، بەس – مۇنازىرە قىلىش، كۆپنىڭ پىكرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئىقتىدارىغا ئىگە دۆلەت» دېدى.
2037984
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 2023- 2024 ئوقۇ – ئوقۇتۇش يىلىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.
ئۇ، ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي كۆز قارىشىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بارلىق ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مائارىپ مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئىجابىي تەنقىدلىرىگە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ: «پىكىرى بارلار ئورتاقلاشسۇن، تەنقىدى بارلار ئوتتۇرىغا قويسۇن... تۈركىيە مائارىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، بەس – مۇنازىرە قىلىش، كۆپنىڭ پىكرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئىقتىدارىغا ئىگە دۆلەت» دېدى.