تۈركىيە لىۋىيەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم قىلدى
تۈركىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى لىۋىيەگە 4000 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ياردەم قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ رەئىسى ئوقاي مەمىش كەلكۈن ئاپىتىدە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان لىۋىيەگە تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىغا تەۋە ئىككى ھەربىي پاراخوت ئارقىلىق 550 خادىم ۋە تەخمىنەن 4000 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتىلگەنلىكىنى، ئۈچىنچى پاراخوتنىڭمۇ يولغا چىقىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى دۆلەتلىك جىددىي داۋالاش – قۇتقۇزۇش ئەترىتىمۇ دەرنە شەھىرىدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى دۆلەتلىك جىددىي داۋالاش – قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئارقىلىق ئاپەت رايونىغا دالا دوختۇرخانىسى، داۋالاش بۇيۇملىرى،تېببىي ئۈسكۈنىلەر ۋە دورىلارنى ئەۋەتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.