سەھىيە مىنىسرى كوجا: توققۇز كىشىدە ۋىرۇسنىڭ ئېرىس ۋارىيانتى كۆرۈلدى

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا كوۋىد – 19 ئېرىس ۋارىيانتىنىڭ توققۇز ئادەمدە كۆرۈلگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئەندىشە پەيدا قىلىدىغان ئەھۋال ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

2037867
سەھىيە مىنىسرى كوجا: توققۇز كىشىدە ۋىرۇسنىڭ ئېرىس ۋارىيانتى كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات بېرىپ، كوۋىد – 19 نىڭ ئېرىس ۋارىيانتىنىڭ چەت ئەلگە بېرىپ كەلگەن كىشىلەردە كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۇ ئەندىشە قىلىش بىھاجەت بىر مەسىلە. بىز كېسەل قىلىش كۈچىنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلىدىغان (ۋىرۇسنى) ئېرىس ۋارىيانتى، تەجرىبىخانىلىرىمىزدا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە توققۇز ئادەمدە كۆرۈلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى چەت ئەلدىن كەلگەن بىر ئائىلە كىشىلىرى. بىز نۆۋەتتىكى تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلغان ھالدا كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. بۇ ئەھۋال باشقا دۆلەتلەردە كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ دۆلىتىمىزدىمۇ پەيدا بولۇش ئېھتىمالى بار ئىدى. ياشانغان كىشىلىرىمىز ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسىلى بار بىمارلىرىمىزنى قوغدايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر