ياشار گۈلەر پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قوماندانى بىلەن كۆرۈشتى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قوماندانى گېنېرال ئاسىم مۇنىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
2036546
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ياشار گۈلەر پايتەخت ئەنقەرەدىكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا پاكىستان قوماندانى گېنېرال ئاسىم مۇنىرنى كۈتۈۋالدى.
كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قوماندانى گېنېرال سەلچۇق بايراقتارئوغلۇمۇ قاتناشتى.