ئەردوغان لىۋىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان لىۋىيە پىرېزىدېنتلىق كېڭىشى رەئىسى مۇھەممەد ئەلمەنفى بىلەن تېلېفونلاشتى.

2036563
ئەردوغان لىۋىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، لىۋىيەدىكى كەلكۈن ئاپىتىدىن قايغۇرغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە ئەلمەنفىدىن ھال سوراپ، تەزىيە بىلدۈردى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ لىۋىيەنىڭ ئاپەتكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ھەر دائىم دوست ۋە قېرىنداش لىۋىيە خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر