ئەردوغان تۈزۈپ چىقىلىشى پىلانلىنىۋاتقان يېڭى ئاساسىي قانۇن توغرىسىدا توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: ئىنساننى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، مىللەتنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە بايلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، جەمئىيەتنىڭ ئارقىسىدا قالغان ئەمەس، ئۇنىڭغا ھاياتىي كۈچ بېغىشلايدىغان بىر ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ چىقىشنى نىشان قىلىۋاتىمىز.

2036423
ئەردوغان تۈزۈپ چىقىلىشى پىلانلىنىۋاتقان يېڭى ئاساسىي قانۇن توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى ئاساسىي قانۇن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

ئەردوغان ئۆزلىرىنىڭ دۆلەتنى يېڭى، پۇقراۋىي، دېموكراتىك، ئەركىنلىكنى ياقلىغۇچى سىغدۇرۇشچانبىر  ئاساسىي قانۇنغا ئىگە قىلىش نىشانىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ: «خەلقىمىزنى <تۈركىيە ئەسىرى> نىشانىمىزنىڭ ئامىللىرىنىڭ بىرى بولغان يېڭى ئاساسىي قانۇنغا ئىگە قىلمىغۇچە ئىشلەشنى، تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى ۋە كۈرەش قىلىشنى ھەرگىز توختاتمايمىز» دېدى.

نۆۋەتتىكى ئاساسىي قانۇننىڭ كۆپ قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن بولۇشىغا قارىماي، ئېھتىياجنى قاندۇرۇشتىن يىراق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان، بۇ ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن ياشاشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ سىياسەت ئۈچۈنمۇ، دۆلەت ئۈچۈنمۇ كۆتۈرۈپ كېتىش قىيىن يۈككە ئايلانغانلىقىنى قەيت قىلدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز ئىنساننى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، مىللەتنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە بايلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، جەمئىيەتنىڭ ئارقىسىدا قالغان ئەمەس، ئۇنىڭغا ھاياتىي كۈچ بېغىشلايدىغان بىر ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ چىقىشنى نىشان قىلىۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە: «مەن بارلىق سىياسىي پارتىيەلەر، ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلار ۋە تەتقىقاتچىلارنى كۆڭۈلدىكىدەك ئاساسىي قانۇن تېكىستى تەييارلاپ چىقىش ئۈچۈن سۆھبەتلىشىشكە، بەس – مۇنازىرە قىلىشقا ۋە مۇزاكىرىلىشىشكە چاقىرىمەن» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە: «بىز پارلامېنتتىكى بارلىق گۇرۇپپىلار بىلەن سۆزلىشىمىز ۋە كۆرۈشىمىز. ئەگەر ئۇلار بۇنىڭغا ئىجابىي قارىسا، يولىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. جۇمھۇر ئىتتىپاقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز بۇنىڭغا تەييارمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر