تۈركىيە لىۋىيەدىكى كەلكۈندە قازا قىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە لىۋىيەدە شىددەتلىك يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

2035985
تۈركىيە لىۋىيەدىكى كەلكۈندە قازا قىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ تۈنۈگۈندىن بۇيان لىۋىيەگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن، بولۇپمۇ شەرقىي دېڭىز قىرغاقلىرىنى ۋەيران قىلغان، دانىيال قارا بورىنى شۇنداقلا ئۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن سەۋەبىدىن نۇرغۇن لىۋىيەلىكلەرنىڭ قازا قىلغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا: «بىز دوست ۋە قېرىنداش لىۋىيە خەلقىدىن شۇنداقلا لىۋىيەدىن ھال سورايمىز. ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا  بالدۇرراق شىپالىق تىلەيمىز. تۈركىيە ھەر ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش بۇ تەبىئىي ئاپەتكە قارشىمۇ  لىۋىيەلىك قېرىنداشلىرىغا ھەر تۈرلۈك ياردەملەرنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر