ئەردوغان ھىندىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ماھاتما گاندىنىڭ مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2023-يىللىق گ20 دۆلەتلەر گۇرۇھى رەھبەرلەر يىغىنى دائىرىسىدە، ھىندىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ماھاتما گاندىنىڭ مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە گ20 دۆلەتلەر گۇرۇھى رەھبەرلىرى بىلەن راجگات خاتىرە قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلدى.
ئەردوغان خاتىرە قەبرىستانلىقىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى ۋە ماھاتما گاندىنىڭ مەقبەرىسىگە گۈلچەمبىرەك قويدى.
گاندى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مەدھىيە ناخشىلىرى ئېيتىلغان زىيارەتتىن كېيىن، ئەردوغان ۋە باشقا رەھبەرلەر باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن باھارات مانداپام خەلقئارا يەرمەنكە ۋە يىغىن مەركىزىگە باردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە ساھەسى مۇلازىمىتىدە رېكورت يارىتىلدى
ئاپرېل ئېيىدا تۈركىيە مىقياسىدىكى ئايرودۇرۇملاردا 18 مىليونغا يېقىن يولۇچى توشۇلدى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.