ئەردوغان ھىندىستاندا قىزغىن قارشى ئېلىندى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدا قىزغىن قارشى ئېلىندى

2035004
ئەردوغان ھىندىستاندا قىزغىن قارشى ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن باشلىنىپ، ئەتە ئاخىرلىشىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدا ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىمى ئارقىلىق قىزغىن قارشى ئېلىندى.

ئەردوغان يېڭى دېھلىدا ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىيونى قوبۇل قىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا، رەھبەرلەر «بىر دۇنيا، بىر ئائىلە، بىر كېلەچەك» باش تېما قىلىنغان ئۈچ ئولتۇرۇشتا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر