جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھىندىستاندا

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدا قىزغىن قارشى ئېلىندى.

2035158
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھىندىستاندا
g20-liderler-zirvesi-2106034_1.jpg
erdogan silva.jpg
g20.jpg
erdogan kişida.jpg
erdogan al nahyan.jpg
modi.jpg
erdoğan modi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن باشلىنىپ، ئەتە ئاخىرلىشىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدا ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قىزغىن قارشى ئېلىندى.

ھىندىستان باش مىنىستىر نارېندرا مودى بخارات مانداپام خەلقئارا كۆرگەزمە ۋە يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ياتىپ بارغان باشقا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنىمۇ بىر- بىرلەپ قارشى ئالدى ھەم خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان رەھبەرلەر كېيىنچە مۇراسىم دائىرىسىدە «رەھبەرلەر ساھەسى» دە بىر يەرگە جەم بولدى.

مۇراسىمدىن كېيىن، رەھبەرلەر يىغىن ئولتۇرۇشلىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يىغىن زالىغا كىردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانمۇ «بىر دۇنيا» باش تېما قىلىنغان تۇنجى ئولتۇرۇشقا قاتناشتى.

بۇ ئارىلىقتا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدا ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئەردوغان بۇ دائىرىدە ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىيونى قوبۇل قىلدى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەمىرى مۇھەممەد بىن زايىد شەيخ مۇھەممەد بىن زايىد ئەننەھيان بىلەن كۆرۈشتى.

ئەردوغان يەنە بىرازىلىيە پرېزىدېنتى لۇيىز ئىناكىيو لۇلا دا سىلۋا بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولدى.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە-برازىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىندى، 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا ئىككى دۆلەت ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان رايون ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۇچرىشىشتا، كېلەر يىلى 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان بىرازىلىيەگە ھازىردىن باشلاپلا مۇۋەپپەقىيەت تىلىدى. شۇنداقلا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۆتكەن يىلى 5 مىليارد 600 مىليون دوللار بولغان سودا مىقدارىنى 10 مىليارد دوللارغا يەتكۈزگىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئەردوغان جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى يون سۇك يېئول بىلەن كۆرۈشتى.

تۈركىيە – جەنۇبىي كورېيە مۇناسىۋەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان ئۇچرىشىشتا، مەۋجۇت مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان قەدەملەرنى تاشلاش، ھەر ئىككى دۆلەت ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە تۈركىيە، مېكسىكا، ھىندىنوزىيە، جەنۇبىي كورېيە ۋە ئاۋىستىرالىيەدىن تەركىب تاپقان غەيرىي رەسمىي قىتئەلەر ئارا كېڭىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇش مۇنبىرىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولدى.

ئۇچرىشىشقا ئاۋىستىرالىيە باش مىنىستىرى ئانتونىي ئالبانېسې، ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى جوكو ۋىدودو، جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى يون سۇك يېئول ۋە مېكسىكا ئىقتىساد مىنىستىرى راكېل بۇئېنروسترو قاتناشتى.

ئۇچرىشىشتا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرى قۇرۇلغان غەيرىي رەسمىي قىتئەلەر ئارا كېڭىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇش مۇنبىرىنىڭ ئورتاق  قىممەت قاراشلىرى ئاساسىدا ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلىدى. شۇنداقلا مەۋجۇت دۇنيا تەرتىپى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ دۇنياۋى تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشتا يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان تېررورىزم ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكى قاتارلىق پۈتكۈل دۇنيادا بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ غەيرىي رەسمىي قىتئەلەر ئارا كېڭىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇش مۇنبىرىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ  تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا بەرپا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى تەقەززا قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆچمەنلىك جىنايەتلىرى، ئىرقىي ئايرىمچىلىق، ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ ئورنىغا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە بىرلىكتە ئىناق ياشاش مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھەر كۈنى دېگۈدەك 2 مىليارد كىشىنىڭ <پىكىر ئەركىنلىكى> نىقابى ئاستىدا ئەڭ مۇقەددەس قىممەت قاراشلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىغا يول قويۇلۇشىنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئىنسانلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ھەر بىر كىشى دىنىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرۇشى كېرەك. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ مەسىلىگە قارىتا نارازىلىقىمىزنى داۋاملىق ئىپادىلەپ كېلىۋاتىمىز.»

ئەردوغان كېيىنچە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولزنى قوبۇل قىلدى.

ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە - گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرى مۇزاكىرە قىلىندى، تۈركىيە-ياۋروپا سۆھبەت مېخانىزمىنىڭ قايتا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، رايونلۇق ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

ئەردوغان يېقىندا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولزتىن ھال سورىدى، 2022-يىلى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى 45 مىليارد دوللارلىق سودا مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە، يېڭىلىق يارىتىش ۋە تېخنىكا يۆتكەش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

دۇنيا بانكىسى باشلىقى ئاجاي بانگانىمۇ قوبۇل قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ دۇنيا بانكىسى بىلەن بولغان ئۇزاق مەزگىللىك مۇناسىۋەتلىرى، 6 – فېۋرال كۈنى قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان تۈركىيەنىڭ 11 ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن ۋە«100 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ بالايىئاپەت» دەپ ئاتالغان يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن دۇنيا بانكىسىنىڭ تۈركىيەنى قوللىشىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇچرىشىشتا ئەردوغان دۇنيا بانكىسى گورۇھىنىڭ 17 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ئۈچ يىل ئىچىدە تۈركىيەگە بېرىدىغان مەبلىغىنى يەنە 18 مىليارد دوللار قوشۇپ، 35 مىليارد دوللارغا كۆپەيتىش قارارىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكلىرىنى بايان قىلدى.

ئۇچرىشىشتا، ئەردوغان بارلىق سېلىنمىلارنىڭ يەر تەۋرەش رايونىنى قايتا قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرىگە سېلىنىدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك سېلىنمىلارغا ئايلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى، دۇنيا بانكىسى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ يېڭى مەزگىلدە تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر