ئامېرىكا تۈركىيەگە رەخمەت ئېيتتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقدىشى تۈركىيەنىڭ «قارا دېڭىز ئاشلىق تەشەببۇسى» نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا رەخمەت ئېيتتى.

2033569
ئامېرىكا تۈركىيەگە رەخمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن باياناتچىسى ۋېدانت پاتېل مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، رۇسىيەنىڭ قارا دېڭىز ئاشلىق تەشەببۇسىغا خاتىمە بېرىش قارارىنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان جەمئىيەتلەرگە زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ۋېدانت پاتېل جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدىكى زىيارىتىدە، رۇسىيەنى كېلىشىمگە قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بىز جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقدىشىمىز تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز ئاشلىق تەشەببۇسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىغا رەخمەت ئېيتىمىز» دېدى.

ۋېدانت پاتېل ئامېرىكانىڭ تۇنا دەرياسى لىنىيەسىنى قارا دېڭىز ئاشلىق تەشەببۇسىغا قارىتا ئىككىنچى بىر تاللاش قاتارىدا كۆرىدىغان ياكى كۆرمەيدىغانلىقىغا دائىر مەسىلە ئۈستىدە توختىلىپ، ئامېرىكانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى موھىم ئىشىنىڭ رۇسىيەنىڭ قارا دېڭىز تەشەببۇسىغا قايتىپ كېلىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ۋېدانت پاتېل: «ئەلۋەتتە يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بېرىشقا تېگىشلىك جايلارغا يېتىپ بېرىشى ئۈچۈن باشقا تاللاشلارنىڭ بارلىقىنىمۇ مۇزاكىرىلشىۋاتىمىز» دېدى.

پاتېل بۇ ھەقتە ھازىرچە ھېچقانداق باياناتى يوقلۇقىنى تىلغا ئېلىپ، «بىز قارا دېڭىز ئاشلىق تەشەببۇسىنىڭ قايتا باشلىنىشىنى خالايمىز، ئۇنىڭ كارغا كەلگەنلىكىنى كۆردۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر