گۈلەر ئالەم بوشلۇقىغا سەپەر قىلىدىغان تۇنجى تۈرك ئۇچقۇچىغا ئۇنۋان بەلگىسىنى تاقىدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر ئالەم بوشلۇقىغا سەپەر قىلىدىغان تۇنجى تۈرك ئۇچقۇچى پولكوۋنىك ئالپەر گەزەرئاۋجىغا يېڭى ئۇنۋان بەلگىسىنى تاقىدى.

2032137
گۈلەر ئالەم بوشلۇقىغا سەپەر قىلىدىغان تۇنجى تۈرك ئۇچقۇچىغا ئۇنۋان بەلگىسىنى تاقىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، مىنىستىر گۈلەر ھاۋا ئارمىيەسى خادىمى ئۇچقۇچى پولكوۋنىك ئالپەر گەزەرئاۋجىنى قوبۇل قىلغان.

گۈلەر پولكوۋنىك دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈلگەن ئالپەر گەزەرئاۋجىغا يېڭى ئۇنۋان بەلگىسىنى تاقاپ، ئالەم بوشلۇقى سەپىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر