ئىراقنىڭ شىمالىدا ئىككى تېررورچى  بىر تەرەپ قىلىندى.

ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى  بىر تەرەپ قىلىندى.

2030649
ئىراقنىڭ شىمالىدا ئىككى تېررورچى  بىر تەرەپ قىلىندى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرىنى قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر داۋاملىق يوقىتىمىز. ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھاۋا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە  بىر تەرەپ قىلىندى.»

بۇ جەرياندا، سۈرىيەنىڭ  شىمالىدىكى «‹فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى ئىىككى تېررورچى  بىر تەرەپ قىلىندى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«قەھرىمان قىسىملىرىمىز تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنى سۈرىيەنىڭ  شىمالىدىمۇ قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملاشتۇرماقتا. ‹فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى ئىىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر