ئەردوغان: بىز ئانادولۇغا مالازگىرت ئۇرۇشىدىن خېلى بۇرۇنلا قەدەم باسقان ئىدۇق

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركلەرنىڭ ئانادولۇغا مالازگىرت ئۇرۇشىدىن خېلى بۇرۇنلا قەدەم باسقانلىقىنى ئېيتتى.

2029446
ئەردوغان: بىز ئانادولۇغا مالازگىرت ئۇرۇشىدىن خېلى بۇرۇنلا قەدەم باسقان ئىدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇشتا ئۆتكۈزۈلگەن مالازگىرت زەپىرىنىڭ 952 – يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «ئانادولۇنى بىزگە ۋەتىنىمىز قىلىپ بەرگەن بارلىق قەھرىمانلىرىمىز، شېھىتلىرىمىز، غازىلىرىمىز ۋە قەلب سۇلتانلىرىمىزنى چەكسىز ئىپتىخارلىق ھەم مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە مەڭگۈ ياد ئېتىمەن.»

«سۇلتان ئالپئارسلان ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىدىكى ھەر بىر ئەسكەر بىزگە ئامانەت قويۇپ كەتكەن بۇ زېمىننى ئاخىرقى بىر تامچە قېنىمىز قالغۇچە قوغداش ئىرادىمىزنىڭ قەتئىيلىكىنى بۇ يەردىن يەنە بىر قېتىم پۈتكۈل جاھانغا جاكارلايمىز. مالازگىرت ئۇرۇشىنىڭ ئادەتتىكى بىر ئۇرۇش، ئادەتتىكى بىر زەپەر ئەمەسلىكىدىن ئىبارەت ئۆلمەس ھەقىقەتنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.»

ئەردوغان سۆزىنى مۇندق داۋاملاشتۇردى:

«بىز ئانادولۇغا مالازگىرت ئۇرۇشى ئارقىلىق قەدەم باسمىدۇق. بىز بۇ يەرگە خېلى بۇرۇنلا كەلگەن ئىدۇق. مالازگىرت ئۇرۇشى ئانادولۇدىكى سىياسىي ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنىڭ دەرۋازىلىرىنى بىزگە ئېچىپ بەردى. بۇ يەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن مىسلىسىز زەپەر ئالدى بىلەن ئانادولۇ سەلچۇقىيلار دۆلىتىنى قۇرۇش ئارقىلىق ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرىغا  مىسلىسىز قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشتە مۇھىم رول ئوينىدى.»

«شۇنىڭدىن كېيىن ئوخشاش ئېتىقاد بىلەن بايرىقىنى لەپىلدەتكەن  ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك كۈرەشلىرى نەتىجىسىدە بالقان رايونى ۋە ئىستانبۇل پەتھى قىلىندى. باشقىچە ئېيتقاندا، مالازگىرت ئىزنىكنىڭمۇ، كونيانىڭمۇ، بۇرسانىڭمۇ، ئەدىرنەنىڭمۇ، ئىستانبۇلنىڭمۇ چوڭ ئاكىسىدۇر. بىزنى ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋېنا دەرۋازىلىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارغاب زەنجىرسىمان زەپەرلەرنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىمۇ دەل مۇشۇ يەردۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر