دىيارباقىردا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

دىيارباقىر يېزىلىرىدا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق ئېنىقلاپ چىقىلغان 3 تېررورچى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ياردىمىدە ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا  بىر تەرەپ قىلىندى.

2029435
دىيارباقىردا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىقايا ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، دىيارباقىر يېزىلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا 3 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى، بىر كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىمىز ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم باش قوماندانلىق ئىشتابىمىزنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى دائىرىسىدە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئىستىخبارات باشقارمىمىز، دىيارباقىر ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىمىز، ئاۋىياتسىيە باشقارمىمىز ۋە دىيارباقىر ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابىمىزنىڭ ئورتاق خىزمەت ئىشلىشى نەتىجىسىدە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ چارلاش پائالىيەتلىرى داۋامىدا، دىيارباقىر يېزىلىرىدا ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.»

«بۈگۈن ئەتىگەندە، دىيارباقىر ساقچى ئالاھىدە ئەترەتلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئالاھىدە ئەترەتلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ياردىمىدە ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا ئۈچ تېررورچى  بىر تەرەپ قىلىندى. بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش ​​پۇقرالار تەشكىلاتى (YPS) ئەزاسى بىر كىشى تۇتۇلدى. تېررورچىلارغا ياردەم قىلغان ۋە قوللىغان تۆت جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر