فۇئات ئوقتاي ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى فۇئات ئوقتاي ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى.

2028936
فۇئات ئوقتاي ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى فۇئات ئوقتاي ئامېرىكا ئاۋام  پالاتاسىنىڭ ئەزالىرىغا چۈشلۈك تاماق زىياپىتى بەردى.

پايتەخت ئەنقەرەدىكى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى مۇراسىم زالىدا بېرىلگەن زىياپەتكە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن جوي ۋىلسون، دېئان فېلىپس، ۋىكتورىيە سپارت ۋە ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى.

زىياپەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە بېرىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، زىياپەتتە تۈركىيە – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇناسىۋەتلىرى، پارلامېنتلار ئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئەھمىيىتى،  پ ك ك /ي پ گ ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن باشقا يەنە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو، خەۋپسىزلىك، مۇداپىئە سانائىتى ۋە رايون مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر