ياشار گۈلەر ھاككارى تېغىدا بىرىگادا قوماندانلىق مەركىزىنى كۆزدىن كەچۈردى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر ھاككارى تېغى ۋە كوماندىر بىرىگادا قوماندانلىق مەركىزىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.

2028310
ياشار گۈلەر ھاككارى تېغىدا بىرىگادا قوماندانلىق مەركىزىنى كۆزدىن كەچۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىىنىڭ باياناتىدا، مىنىستىر گۇلەرنىڭ تۈنۈگۈن شىرناكنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن ھاككارىغا يېتىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھاككارى تېغى ۋە كوماندىر بىرىگادا قوماندانلىق مەركىزىدە تەكشۈرۈشلەردە بولغان ياشار گۈلەرگە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال مەتىن گۇراك، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قوماندانى گېنېرال سەلچۇق بايراقتارئوغلۇ، مۇئاۋىن مىنىستىرلاردىن ئالپاسلان كاۋاكلىئوغلۇ ۋە شۇئاي ئالپاي بىلەن 2-ئارمىيە قوماندانى لېيتېنانت گېنېرال مەتىن توكەل ھەمراھ بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر