ئەردوغان ب د ت غا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

2027560
ئەردوغان ب د ت غا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دائىرىسىدىكى رايونلارغا ئارىلىشىشىنىڭ تۈركىيەگە نىسبەتەن ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان ئەھۋال ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى ئەسكەرلىرىنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىنسانىي ئېھتىياجلىرىنى قامداشقا مۇھىم تۆھپە قوشىدىغان «پىلە يولى» لايىھەسىگە توسقۇنلۇق قىلىش ھەرىكىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئالدىنقى جۈمە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى ئەسكەرلىرىنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دائىرىسىدىكى رايونلارغا ئارىلىشىشى تۈركىيەگە نىسبەتەن ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان ئەھۋال ئەمەس.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «پىلە يېزىسى» دا قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ئۆز تېررىتورىيەلىرىدىن بەھرىمان بولۇشقا توسقۇنلۇق قىلىشنىڭ قانۇن ھەم ئىنسانپەرۋەرلىككە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى ئەسكەرلىرى ھەم شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دائىرىسىدىكى رايونلارغا ئارىلىشىش ھەم شۇنىڭدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتلىرى ئارقىلىق بىتەرەپلىك پىرىنسىپىغا كۆلەڭگە چۈشۈردى، ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىگىمۇ زىيان يەتكۈزدى. تولىمۇ ئەپسۇسكى، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ بۇ پوزىتسىيە سەۋەبىدىن، رايوندىكى جىددىيچىلىك قايتىدىن كۈچىيىپ كەتتى. بىز قوشنىلىرىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئۆزئارا كۈچەيتىپ، ئارىمىزدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلماقچى بولۇۋاتقان بىر پەيتتە ئوتتۇرىغا چىققان بۇ ئەھۋالنى ياخشى نىيەتلىك ئىش ئەمەس، دەپ قارايمىز.»

ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى ۋەزىپىسىنىڭ مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنىڭ ئورنىغا، ئىسمى-جىسمىغا لايىق رەۋىشتە ئارالدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىنسانىي ئېھتىياجلىرىنى قامداشقا ھەسسە قوشۇش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر