جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنگىرىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەتە ۋېنگىرىيەدە بىر كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

2026603
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنگىرىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئورباننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۇ دۆلەتتە زىيارەتتە بولىدىغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پايتەخت بۇداپېشتتا ۋېنگىرىيە دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشى كۈتۈلمەكتە.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ زىيارىتى داۋامىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايون مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر