ئىككى تېررورچى تەسلىم بولدى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پاناھلىنىش ساھەلىرىدىن قاچقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى تەسلىم بولدى.
2026165
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى:
«قەھرىمان قىسىملىرىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پاناھلىنىش ساھەلىرىدىن قاچقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى ھابۇر چېگرا ئېغىزىدا چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىمىزغا تەسلىم بولدى.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.