تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ پ ك ك غا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ گە قارشى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.

2025983
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ پ ك ك غا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ غا قارشى ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا 67 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.

شۇنىڭ بىلەن، بىر يىل ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلارنىڭ سانى 1062 گە، 2015 – يىلدىن بۇيان بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 38 مىڭ 405 كە يەتكەن.

بۇ ھەپتە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنچە- قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ غا ئائىت نۇرغۇن ۋە ھەر خىل ئوق-دورىلار قولغا چۈشۈرۈلگەن. ئۈچ ئىسكىلاتتا تەخمىنەن 100 مىڭ AK-47 ئوق - دورا تېپىلغان.

سۈرىيەدە كۈندىلىك ھاياتنى نورماللاشتۇرۇش، ئىمكانقەدەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇقىملىق ئورنىتىش ۋە سۈرىيەلىكلەرنىڭ بىخەتەر مۇھىتقا قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش يولىدا ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەرمۇ ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل (2023) كىرگەندىن بۇيان، زەربە بېرىش ھەرىكىتى رايونلىرىدا 777 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 33 نەپىرى ئالدىنقى ھەپتە بىر تەرەپ قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر