ئابدۇلھەمىد خان بۇرغىلاش پاراخوتى پائالىيەت باشلايدۇ
دېڭىزلاردىكى تەبىئىي گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە بۇرغىلاش فىلوتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئەزاسى ئابدۇلھەمىد خان بۇرغىلاش پاراخوتى ئاقسەكى – 1 نېفىت قۇدۇقىدا بۇرغىلاش پائالىيىتىنى باشلايدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە نېفىت شىركىتىنىڭ ئىلگىرىكى ئىسمى «Twitter» بولغان X ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «ئېنېرگىيە فىلوتىمىزنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئەزاسى ئابدۇلھەمىد خان بۇرغىلاش پاراخوتى ئاقدېڭىزدىكى يېڭى نىشانى ئاقسەكى – 1 نېفىت قۇدۇقىدا بۇرغىلاش پائالىيىتىنى باشلايدۇ.»
«ماۋى ۋەتەندىكى تەبىئىي گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.»
يېقىنقى يىللاردا تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە فىلوتىغا سەپلەنگەن بۇرغىلاش پاراخوتلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈكى بولغان ئابدۇلھەمىد خان بۇرغىلاش پاراخوتى ئاقدېڭىزدا ئىلگىرى يۆرۈكلەر – 1 ۋە تاشئۇچۇ – 1 نېفىت قۇدۇقلىرىدا بۇرغىلاش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە ساھەسى مۇلازىمىتىدە رېكورت يارىتىلدى
ئاپرېل ئېيىدا تۈركىيە مىقياسىدىكى ئايرودۇرۇملاردا 18 مىليونغا يېقىن يولۇچى توشۇلدى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.