دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنى ئەردوغاننىڭ باشچىلىقىدا باشلاندى
دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە باشلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ئەنقەرەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسى، مۇزاكىرە قىلىنغان تېمىلار ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
يىغىندا، دۆلەت ئىچىدە ۋە چېگرا سىرتىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەر كۆزدىن كەچۈرۈلىدۇ.
يىغىندا، ئالدىنقى قېتىملىق دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىنغان سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئەھۋال مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
24-فېۋرال (2022) دىن باشلاپ داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى دائىرىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرمۇ ئۈستەلدىكى مۇزاكىرە تېمىلىرىنىڭ بىرى.
يىغىندا يەنە، رۇسىيەنىڭ چېكىنىشى بىلەن ئاخىرلاشقان ئاشلىق كېلىشىمىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.