ئەدلىيە مىنىستىرى يىلماز تۇنچ شىۋىتسىيەدە ئەردوغانغا قارىتىلغان ئىغۋاگەرچىلىكنى ئەيىبلىدى
ئەدلىيە مىنىستىرى يىلماز تۇنچ شىۋىتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك قوللىغۇچىلىرى تەرىپىدىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ئىغۋاگەرچىلىكنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: يىلماز تۇنچ (كونا ئىسمى تىۋېىتتېر بولغان) ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى X دىكى يازمىسىدا، شىۋىتسىيەنىڭ تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە يول قويۇشى ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا قارىتىلغان ئىغۋاگەرچىلىك ھەققىدە سۈكۈتتە تۇرۇشىنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
يىلماز تۇنچ مۇنداق دېدى:
«شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدا ئىتتىپاقدىشىمىز بولۇشنى خالايدىغان شىۋىتسىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە يول قويماسلىق ئارقىلىق بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك. تېررورلۇق ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتۇر. تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەر تۈرلۈك ھەرىكەتلىرىنى توسۇش قانۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەجبۇرىيىتىدۇر»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە ساھەسى مۇلازىمىتىدە رېكورت يارىتىلدى
ئاپرېل ئېيىدا تۈركىيە مىقياسىدىكى ئايرودۇرۇملاردا 18 مىليونغا يېقىن يولۇچى توشۇلدى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.