14 - نۆۋەتلىك باش ئەلچىلەر يىغىنى پايتەخت ئەنقەرەدە باشلىنىدۇ

14 - نۆۋەتلىك باش ئەلچىلەر يىغىنى 5 - ئاۋغۇستتىن 9 - ئاۋغۇستقىچە پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

2020500
14 - نۆۋەتلىك باش ئەلچىلەر يىغىنى پايتەخت ئەنقەرەدە باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، باش ئەلچىلەر يىغىنىنىڭ 2008 - يىلىدىن بۇيان چەت ئەللەردە ۋە مەركىزى ئىدارە – ئورگانلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق باش ئەلچىلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

باياناتتا، 14 - نۆۋەتلىك باش ئەلچىلەر يىغىنىنىڭ بۇ يىل 5 – ئاۋغۇستتىن 9 – ئاۋغۇستقىچە ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

رەسمىي ئېچىلىش مۇراسىمى 7 - ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىننىڭ تېمىسى «تۈركىيە ئەسىرىدىكى تاشقى سىياسىتىمىز» دەپ بېكىتىلدى.

باياناتتا: «دۆلىتىمىز ۋە رايونىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە، يەر شارىنىڭ يۈزلىنىشى مۇھاكىمە ھەمدە نۆۋەتتىكى خىرىس ۋە پۇرسەتلەر مۇلاھىزە قىلىنىدىغان باش ئەلچىلەر يىغىنى، تاشقى سىياسىتىمىزنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىچكى پىلانلارنى تۈزۈش ۋە ئورگانلار ئارا ماسلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش نۇقتىسىدىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

يىغىن دائىرىسىدە باش ئەلچىلىرىمىز، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر