تۈركىيەنىڭ 9 ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار 500 ئۇنىۋېرسىتېت قاتارىدىن ئورۇن ئالدى

تۈركىيەدىكى 9 ئۇنىۋېرسىتېت دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار ئۇنىۋېرسىتېتلار رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى 500 نىڭ ئىچىگە كىردى.

2017695
تۈركىيەنىڭ 9 ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار 500 ئۇنىۋېرسىتېت قاتارىدىن ئورۇن ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى:  دۇنيا مىقياسىدىكى 11 رەت تەرتىپ  ئورگىنى تەرىپىدىن 2022 - يىلى ئېلان قىلىنغان «دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ئۇنىۋېرسىتېتلار» تىزىملىكى نەزەردە تۇتۇلغان ھالدا تەييارلانغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدىن 9 ئۇنىۋېرسىتېت بۇلتۇرقى رەت تەرتىپتە ئالدىنقى 500 نىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

بۇ تىزىملىكتە تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتى، ھاجەتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىستانبۇل ئۇنۋېرسىتىتى، بىلكەنت ئۇنۋېرسىتىتى، بوغازئىچى ئۇنۋېرسىتىتى، كوچ ئۇنۋېرسىتىتى، سابانچى ئۇنۋېرسىتىتى ۋە چانكايا ئۇنىۋېرسىتېتى ئورۇن ئالغان.

ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ رەت تەرتىپلىرىنى «https://newtr.urapcenter.org/» تور ئادرىسىدىن كۆرەلەيسىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر